Awara Bolma


作词 : Abdulla Mahat
作曲 : Kaysar Abdukerim/Nureli
编曲 : Miradiljan-Bawudun
مۇزىكا
سەندىن كۆڭلۈم قالدى بىۋاپا،
سۆيەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
بۇرۇنقىدەك ئوتۇمدا يەنە،
كۆيەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
بۇرۇنقىدەك ئوتۇمدا يەنە،
كۆيەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
كەچتىم سەندىن يۈرىكى تاش قىز،
چۈنكى ساڭا ئەمەسمەن قەرىز،
مېنى يەنە جېنىدىن ئەزىز،
كۆرەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
مېنى يەنە جېنىدىن ئەزىز،
كۆرەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
مۇزىكا
قەدىرلىسەم بىلمىگەن ئۆزۈڭ،
ياش تۆكمىسۇن ئەمدى جۈپ كۆزۈڭ،
بولسىمۇ گەر دەيدىغان سۆزۈڭ،
ئاڭلارمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
بولسىمۇ گەر دەيدىغان سۆزۈڭ،
ئاڭلارمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
ئۆز يولۇڭغا ئۆزۈڭ قەدەم ئال،
كەتتىم يىغلا مەيلى كۈلۈپ قال،
يوقتۇر مەندە قايتىشقا ئامال،
كىلەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
يوقتۇر مەندە قايتىشقا ئامال،
كىلەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
كىلەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
تىكىست : تەرجىمە دىلبەر
歌词贡献者 : Abdugheni Anver

免责声明

×

本站纯公益性质,不接广告,也不展示广告。

本站音频版权来自各网站,本站只提供数据查询服务,不提供任何音频存储和贩卖服务。

夸克网盘接口都是爬取网络公开分享数据。如有侵权,前往夸克举报,或者联系我们删除收录链接。

邮箱musiclyrics@126.com