Ar Hak
编曲 : AbduwaliTohti/Carry
作词 : Anwar Maglik
作曲 : Anwar Maglik/Carry
ئەر خەق
سۆزى، مۇزىكىسى: ئەنۋەر مەڭلىك
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: ئابدۇۋېلى توختى
توي قىلغۇچە ۋاي جېنىم دەپ،
ئېلىۋالىدۇ ئەر خەق.
نەدە ئۇنداق دېدىم مەن دەپ،
يېنىۋالىدۇ ئەر خەق.
سەندىن باشقا يارىم يوق،
سىرت بىلە كارىم يوق دەپ.
ئۇنداق ئىش يوق خوتۇن، ياق دەپ،
تېنىۋالىدۇ ئەر خەق.
خوتۇن خەق ئۆچكە يېغى دەپ،
ۋاي دېسەك ئېرىيدۇ دەپ.
ماقۇل دەپ يۈرۈيدۇ دەپ،
كۆنىۋالىدۇ ئەر خەق.
بىز دېگەننى قىلىپ بېرىپ.
زىبۇ-زىننەت ئېلىپ بېرىپ.
راست خوتۇن ھە دەپ بېرىپ،
سۆيىۋالىدۇ ئەر خەق.
بىردە ئاچچىق، بىردە تاتلىق،
بولۇۋالىدۇ ئەر خەق.
ئاق خوتۇن، ئاپئاق خوتۇن دەپ،
قويۇۋالىدۇ ئەر خەق.
سىز دېگەن دانا خوتۇن دەپ،
گۈل بېغىم رەنا خوتۇن دەپ.
ھە ماقۇل، مانا خوتۇن دەپ،
يۈدىۋالىدۇ ئەر خەق.
ئوينىساق كۆرمەيدۇ دەپ،
ھېچنېمە بىلمەيدۇ دەپ.
ئۆزىچە بىر خام ئەيلەپ،
تۇتۇلۇپ قالىدۇ ئەر خەق.
بىز يوق يەردە پو ئېتىپ،
بىزنى كۆرسە داڭ قېتىپ.
گەپلىرى پىستان چېقىپ،
چېنىپ قالىدۇ ئەر خەق.
ئوينىغاننىڭ دەردىنى،
تاتىپ كېلىدۇ ئەر خەق.
ئاخىرى پۇشايمان يەپ،
قايتىپ كېلىدۇ ئەر خەق.
خاپا بولماڭلار خوتۇن دەپ،
يېنىپ كېلىدۇ ئەر خەق.